ئامېرىكا ئەلچىسى «2-شىمالىي ئېقىم» لايىھەسىگە قاتناشقان شىركەتلەرنى ئاگاھلاندۇرغان

ئامېرىكانىڭ بېرلىندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رىچارد گرېنېلنىڭ «2-شىمالىي ئېقىم» تەبىئىي گاز لايىھە قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان شىركەتلەرنى ئېمبارگو بىلەن تەھدىت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1124834
ئامېرىكا ئەلچىسى «2-شىمالىي ئېقىم» لايىھەسىگە قاتناشقان شىركەتلەرنى ئاگاھلاندۇرغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ بېرلىندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رىچارد گرېنېلنىڭ «2-شىمالىي ئېقىم» تەبىئىي گاز لايىھە قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان شىركەتلەرنى ئېمبارگو بىلەن تەھدىت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«بىلت ئان زونتاگ» گېزىتى (Bild am Sonntag) نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، گرېنېل گېرمانىيە شىركەتلىرىگە ئەۋەتكەن مەكتۇبىدا، ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسىغا دۇچ كېلىشلىرى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.

باش ئەلچى گرېنېل رۇسىيەدىن گېرمانىيەگە بالتىق دېڭىزى ئارقىلىق تۇرۇبا يولى بىلەن تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش مەقسەت قىلىنغان «2-شىمالىي ئېقىم» لايىھەسىگە قاتناشقان شىركەتلەرگە خىتاب قىلىپ يازغان مەكتۇبىدا، ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو ئارقىلىق دۈشمەنلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش قانۇنى دائىرىسىدە ئۇ شىركەتلەرنى جازالاش مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ مەكتۇبىدا، «2-شىمالىي ئېقىم»  لايىھەسى بىلەن، ياۋروپاغا ئۇكرائىنا ئارقىلىق تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش ئېھتىياجىنىڭ ئەمەلدىن قالىدىغانلىقى ۋە بۇ ئەھۋالدا ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشقاق سىياسىتىگە قارشى قولىدىكى كوزىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئامېرىكادىن باشقا، پولشامۇ گېرمانىيەنىڭ «2-شىمالىي ئېقىم» لايىھەسىدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر