ئىران سابىق ئامېرىكا ئەسكىرى مىچەل ۋايتنى نازارەتكە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەھرام قاسىمى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سابىق خادىمى مىچەل ۋايتنىڭ مەشھەد شەھىرىدە نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1122864
ئىران سابىق ئامېرىكا ئەسكىرى مىچەل ۋايتنى نازارەتكە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەھرام قاسىمى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا، مىچەل ۋايتنىڭ مەلۇم مەزگىل ئىلگىرى ئىراننىڭ خوراسان رەزەۋى ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى مەشھەد شەھىرىدە نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ۋە بۇ ۋەقەنى تېھراندىكى ئامېرىكا مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئىشخانىسىغا مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەھرام قاسىمى مىچەل ۋايتنىڭ تۈرمىدە قېيىن - قىستاققا ئېلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

مىچەل ۋايتنىڭ دېلوسىنىڭ ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن قاسىمى، تەكشۈرۈش تاماملانغاندا مەسئۇل ئورگانلارنىڭ كېرەكلىك باياناتلارنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى تۈنۈگۈن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سابىق خادىملىرىدىن 46 ياشلىق مىچەل ۋايتنىڭ 2018ئىيول ئېيىدىن بۇيان ئىراندا تۈرمىدە تۇتۇپ تۇلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى سابىق ئەسكەرنىڭ ئائىلىسىنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، مىچەل ۋايتنىڭ كالفورنىيەلىك ئىكەنلىكى ۋە ئىرانلىق قىز دوستى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىرانغا بارغىنىدا نازارەتكە ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى. 

ئانىسى جوننې ۋايت ئوغلىنىڭ 2018يىلى 27 - ئىيۇلدا دۈبەي ئارقىلىق ئامېرىكىغا قايتماقچى بولغانلىقىنى، بىراق ئايروپىلانغا چىقماي تۇرۇپلا يوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئالاقىدار ئورگانلارغا مەلۇم قىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. 

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ماي ئېيىدا ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن ئۆز ئالدىغا چېكىنىپ چىقىشىدىن كېيىن، ئىرانغا قارتىلغان ئېمبارگولارنى قايتىدىن ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يېرىكچىلىكلەر ئەۋجىگە چىققان ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو ئىران بىلەن يېڭى بىر كېلىشىم تۈزۈلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ 12 ماددىلىق شەرتنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

مايك پومپېئو بۇ شەرتلەردىن بىرسىنىڭ «ئويدۇرما جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، نازارەتكە ئېلىنغان بارلىق ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىراندا ھازىرمۇ مىچەل ۋايتتىن باشقا يەنە، ئاز دېگەندە 3 ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ قانچىلىغان يىللاردىن بۇيان تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر