خىتاي سودا مۇزاكىرىلىرىنىڭ «ئوڭۇشلۇق»ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى سودا مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن زېمىن تەييارلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1122856
خىتاي سودا مۇزاكىرىلىرىنىڭ «ئوڭۇشلۇق»ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سودا مۇزاكىرىلىرىنىڭ  ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئىختىلاپ ۋە ئەندىشىلەرنىڭ ھەل  قىلىنىشى ئۈچۈن،زېمىن ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بېيجىڭدا 7-يانۋاردىن 9-يانۋارغىچە مۇئاۋىن مىنسىتىرلار سەۋىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن سودا مۇزاكىرىلىرى توغرۇلۇق ئېلان قىلىنغان باياناتتا،  ئىككى  تەرەپنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سودا ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلدى.

سودا مۇزاكىلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ھۆرمەت ئاساسىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا،  بۇ قېتىمقى سودا مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان  مەسىلىلەر ۋە ئىختىلابلارنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن زېمىن تەييارلاپ بەرگەنلىكى تەكىتلەندى.

بىراق باياناتتا قايسى مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇئېنۇس ئايرېستا چاقىرىلغان گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا كۆرۈشكەندە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سودا ئۇرۇشىنىڭ يېڭى تاموژنا باجلىرى بىلەن تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 90 كۈنلۈك «ئوق چىقىرىشنى توختىتىش»مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.

ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭ 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا يولغا قويغان تاموژنا باج نىسبىتىنى 2019-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ %10تىن %25گە يەتكۈزۈش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋاقىتلىق «ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمى»، ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرلىرىگە قارىتا يېڭى تاموژنا بېجى بەلگىلىمىسى قويۇشىغا توسالغۇ بولدى.

خىتاي بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكادىن ئىمپورت قىلىۋاتقان ئاپتوموبىل ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىغا قاراتقان تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر