ترامپ دېموكراتلارنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دېموكراتلارنى كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

1122390
ترامپ دېموكراتلارنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ مېكسىكا چېگراسىغا سېپىل سوقۇش مەسىلىسى توغرۇلۇق خەلققە خىتاب قىلغاندا، ئۇدا ئىككى ھەپتىدىن بۇيان فېدېرال ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جەنۇبىي چېگرا رايونىدا ئىنسانىي كىرىزىس يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما دېموكراتلارنىڭ بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇ يەردە ئىنسانلار دەرد - ئەلەم تارتىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا خاتىمە بېرىش ئىرادەم قەتئىيدۇر، مېكسىكا ئارقىلىق  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قاراپ يولغا چىققان ھەر ئۈچ ئايالدىن بىرى سەپەر ئۈستىدە باسقۇنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ، بىزنىڭ بۇزۇق تۈزۈمىمىزگە ئەڭ كۆپ ئاياللار ۋە بالىلار قۇربان كېتىۋاتىدۇ، بۇ، جەنۇبىي چېگرا رايونىمىزدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلىكنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋېتىدۇر.»

دېموكراتلارنىڭ سېپىل سوقۇش ئۈچۈن ۋاقىتلىق مەبلەغ ئاجرىتىلىشقا قارشى چىقىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ترامپ، خامچوت كىرىزىسى سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتنىڭ ئۇدا ئىككى ھەپتىدىن بۇيان تاقاق ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى، دېموكراتلارنىڭ چېگرا رايونلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىشلىرى ئۈچۈن مەبلەغ ئاجرىتىلىشقا قارشى چىقىشىدۇر، بۇ كىرىزىس ئەسلىدە 45 مىنۇتلۇق بىر يىغىندا ھەل قىلىنىشى مۇمكىن، بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دۆلەت مەجلىسى ئەربابلىرىنى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلدىم.»

ئۇ يەنە، سېپىل سوقۇشقا كېتىدىغان مەبلەغنىڭ مېكسىكا بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن «سودا كېلىشىمى» ۋاستىسىسى ئارقىلىق ئاجرىتىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر