ئەرەب ئىتتىپاقى بىرازىلىيەنىڭ ئەلچىخانا يۆتكەش پىلانىنىڭ ئالدىنى توسۇشقا چاقىردى

ئەرەب ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەت ئەبۇ گايت بىرازىلىيەنىڭ ئىسىرائىلىيە پايتەختى تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىشقا چاقىردى.

1120458
ئەرەب ئىتتىپاقى بىرازىلىيەنىڭ ئەلچىخانا يۆتكەش پىلانىنىڭ ئالدىنى توسۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئەرەب ئىتتىپاقى بىرازىلىيەنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. بۇ ھەقتىكى يازما باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەھمەت ئەبۇ گايت بىلەن پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس مىسىر پايتەختى قاھىرەدە كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتە، بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى جائىر بولسونارونىڭ تېل ئاۋىۋدىكى بىرازىلىيە ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش پىلانى ۋە قۇددۇسنى ئىسىرائىلىيە پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش يولى بىلەن شەرقىي قۇددۇسنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتىگە زىيان سېلىشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئەرەب ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەبۇ گايت بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ باسقۇچتا، بىرازىلىيە پىرېزىدېنتىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش پىلانىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشى ئۈچۈن قولىدىكى كوزىرلاردىن پايدىلىنىشقا ئېھتىياجلىق. ئەرەبلەرنىڭ قولىدا يېتەرلىك كوزىر بار، بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە توپلاش ۋە بىر-بىرىگە ماسلاشتۇرۇش كېرەك. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېيىنكى باسقۇچتا مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلەش كېرەك» دېدى.

سوتسىيال لىبېرال پارتىيەدىن بىرازىلىيەنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتلىقىغا سايلانغان بولسونارو ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تېل ئاۋىۋدىكى بىرازىلىيە ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش پىلانىدىن بېشارەت بەرگەن ئىدى.

ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يەنە بىر باياناتىغا ئاساسلانغاندا، باش كاتىپ ئەبۇ گايت ئوتتۇرا ئامېرىكاغا جايلاشقان ھوندۇراسنىڭ ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش نىيىتىدىن «ئىنتايىن بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇ: «ھەر قانداق دۆلەتنىڭ بۇنداق قەدەمنى بېسىشقا ئۇرۇنۇشى، قۇددۇسنى ئىشغال زېمىنى دەپ قوبۇل قىلغان ۋە پەلەستىن-ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان مۇزاكىرەلەر ئارقىلىق ئاخىرقى سالاھىيىتىنى بېكىتىشتىن بۇرۇن ئەلچىخانىلارنى ئۇ يەرگە يۆتكەشنى چەكلەيدىغان خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ قۇددۇسنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتىگە زىيان سالىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشنى ئويلاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشىنى ۋە بۇنداق قەدەملەرنىڭ، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەتراپلىق ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ 2-يانۋار بىرازىلىيەدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ۋە ھوندۇراس پىرېزىدېنتى جۇان ئورلاندو ھېرناندېز بىلەن كۆرۈشكەندە، ھوندۇراسنىڭ تېل ئاۋىۋ ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى.

بۈگۈنگىچە ئامېرىكا بىلەن گىۋاتېمالا تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىدى. پاراگۋايمۇ بۇ توغرىدا قارار چىقاردى، بىراق ھۆكۈمەت ئالماشقانلىقى سەۋەبلىك قارار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر