ھاماس چېگرا ئېغىزلىرىنى قايتىدىن كونتىرول قىلىشقا باشلىدى

غەززەدە ھاماسنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەلەستىن ھۆكۈمىتى چېكىنىش توغرۇلۇق قارار چىقارغان «‹رەفاھ › چېگرا ئېغىزلىرى» نى قايتىدىن كونتىرول قىلىشقا باشلىدى.

1120873
ھاماس چېگرا ئېغىزلىرىنى قايتىدىن كونتىرول قىلىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چېگرا ئېغىزلىرىدىكى يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەلەستىن ھۆكۈمىتى«‹رەفاھ› چېگرا ئېغىزى» نى كونتىرول قىلماسلىق توغرۇلۇق قارار چىقارغاندىن كېيىن، چېگرا ئېغىزلىرىنى ھاماس كونتىرول قىلىشقا باشلىغان.

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسقا قاراشلىق راماللاھتىكى پەلەستىن ھۆكۈمىتى، تۈنۈگۈن كەچتە كۈتۈلمىگەندە غەززەنىڭ تاشقى دۇنياغا ئېچىلىدىغان چېگرا ئېغىزلىرىنى كونتىرول قىلماسلىق ۋە بۇ چېگرا ئېغىزلىرىدىن چېىكىنىش توغرۇلۇق قارار چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

غەززەدىكى پەلەستىنلىك بىر گۇرۇپپا، بۇ  قارارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ قارارنىڭ ئىختىلاپنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر