ئامېرىكا سومالىدىكى ئەسكەرلىرىنىمۇ ئازايتماقچىمۇ؟

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سۈرىيەدىن ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ سومالىدىكى ھەربىي مۋجۇتلۇقىنىمۇ تۆۋەنلىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

1119643
ئامېرىكا سومالىدىكى ئەسكەرلىرىنىمۇ ئازايتماقچىمۇ؟

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا «NBC News» قانىلىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى ئامېرىكا مەسئۇلىنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سومالىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەش شەبابقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئازايتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

«NBC News» قانىلى ئەششەبابنىڭ نۇرغۇنلىغان رەھبەلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەمدىلىكتە ئامېرىكىغا بىۋاستە خەۋپ ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكىنىڭ سومالىدا ھەربىيلەر ۋە پۇقرالار بولۇپ، جەمئىي 500 خادىمى بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر