ئامېرىكا خىتايغا ساياھەتكە بارىدىغان پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قانۇنغا خالىغانچە ئەمەل قىلىدىغانلىقى، ھەم خىتاي پۇقراسى ھەم باشقا دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولغانلارغا ئالاھىدە چەكلىمىلەر قويۇلىدىغانلىقى سەۋەبىدىن خىتايغا ساياھەتكە بارىدىغان پۇقرالىرىنى دىققەت قىلىشلىرى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.

1119285
ئامېرىكا خىتايغا ساياھەتكە بارىدىغان پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بېيجىڭنىڭ «چىقىش چەكلىمىلىرى» نى ئىشقا سېلىپ ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خىتايدىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلمايۋاتقانلىقى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن يىللار خىتايدىن چىقالمايۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتاينىڭ بۇ چەكلىمىلەرنى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا قارىتا تەھدىت ئۇسۇلى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا،  چەكلىمىلەرنىڭ قانۇنىي جەھەتتىكى ئىختىلاپلارغا ئالاقىدار دېلولارنىڭ خىتايلارغا پايدىلىق شەكىلدە نەتىجىلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنماي تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت سوراق ھەم تۇتقۇن قىلىنىشقا دۇچ كېلىدىغانلىقى، ھەتتا ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرلىشىشلىرىنىڭمۇ مەنئىي قىلىنىدىغانلىقى، ياكى بۇنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشقا تېگىشلىك قىلمىشلار ھېسابلىنىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ناھايىتى قاتتىق، ساقچىلار قاتتىق تەكشۈرىدۇ، ھەتتا دائىرىلەر ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كوچىغا چىقىش ۋە ساياھەت چەكلىمىسىنى ئىجرا قىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر