ئەردوغان دۇنيانىڭ ئەڭ سەرخىل لىدېرى بولۇپ تاللاندى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، Rassdnews مېدىيا تورى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بېلەت تاشلاشتا «يىلنىڭ ئەڭ سەرخىل دۇنيا لىدىرى» بولۇپ تاللاندى.
![ئەردوغان دۇنيانىڭ ئەڭ سەرخىل لىدېرى بولۇپ تاللاندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/955c/d4c1/15da/5c2b06022bb22.jpg?time=1718850638)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب دۇنياسىدا تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بىر مېدىيا تورى بولغان Rassdnews ، 2018 – يىلىدىكى دۇنيانىڭ ئەڭ سەرخىل كىشىلىرى ناملىق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. Rassdnews مېدىيا تورىنىڭ بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە ئاۋاز قاتناشتۇرغان 300 مىڭ ئادەمنىڭ %77 ى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى 2018 – يىلىنىڭ ئەڭ سەرخىل دۇنيا لىدىرى، دەپ تاللىدى.
تىزىملىكتە، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ئاغدۇرۇپ تاشلانغان مىسىرنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى %52 ئاۋازغا ئېرىشىپ ئىككىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى.
بېلەت تاشلانغانلار تىزىملىكىدە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇدمۇ بار ئىدى.
بېلەت تاشلاشتا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى 2018 – يىلىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەقەلىرى ئارىسىدا بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى.
مىسىردا 2011 – يىلى 25 – يانۋاردىكى خەلق قوزغىلىڭىدىن كېيىن قۇرۇلغان Rassdnews مېدىيا تورى، ئەرەبچە تارقىتىشلىرى بىلەن بولۇپمۇ ئەرەب دۇنياسىدا زور دەرىجىدە ئوقۇرمەنلەر كۈچىگە ئىگە.
Rassdnews مېدىيا تورى، مىسىر باشتا بولۇپ ئوتتۇرا شەرق ۋە دۇنيادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەرەب دۇنياسىدىكى مىليونلارچە كىشىگە يەتكۈزىدۇ.