ئامېرىكا ئىراقتىكى دائېش نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلدى

ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا زەمبىرەكچى قىسىملىرى، مۇسۇلنىڭ ماھمۇر ناھىيەسى قاراجاق تېغىغا چىقىۋالغان دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى نىشانلىرىنى توپقا تۇتتى.

1111232
ئامېرىكا ئىراقتىكى دائېش نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماھمۇر فىرونتى پەشمەرگە قوماندانى پولكوۋنىك زىريان شەيخ ۋەسانى، ئامېرىكا زەمبىرەكچى قىسىملىرىنىڭ يېرىم كېچىدە قاراجاق تېغىنىڭ قەلئات رايونىدا دائېش تېررورچىلىرى يوشۇرۇنۇۋالغان جايلارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماھمۇر ناھىيەسى چەت رايونىدا 300 ئەتراپىدا تېررورچىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ۋەسانى، ھۇجۇمنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە ھازىرچە قوللىرىدا مەلۇمات يوقلۇقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پات – پات قاراجاق تېغىدىكى دائېش نىشانلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىپ كەلمەكتە؛ دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئىراق مىقياسىدا ئاساسەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، مۇسۇل بىلەن ئەربىل ۋىلايەتلىرى ئارىسىدىكى ماھمۇردا ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.

ماھمۇردا ئىراق ئارمىيەسى ۋە پەشمەرگە كۈچلىرىمۇ  پات – پات دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر