ئامېرىكىنىڭ دائېشقا قارشى  ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش قارارى بىلەن تەڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش قارشى  داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنىمۇ ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1110957
ئامېرىكىنىڭ دائېشقا قارشى  ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹رېيتېر› خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە،   ئامېرىكىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش قارارىدىن كېيىن، ۋاشىنگتوننىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش قارشى  داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنىمۇ ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ترامپنىڭ سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش قارارى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش قارشى  داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭمۇ ئاخىرلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.»

بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش باسقۇچى توغرۇلۇق ھازىرچە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمەيدىغانللىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئالدىنقى كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېگەنىدى: «سۈرىيەدىكى مەۋجۇدىيىتىمىزنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى، دائېشنى يېڭىش ئىدى، بۇ نىشانىمىزغا يەتتۇق.»

ئاق ساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇ ھەقتە، « سۈرىيەدىكى مەۋجۇدىيىتىمىزنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى، دائېشنى يېڭىش ئىدى، بۇ نىشانىمىزغا يەتتۇق» تەرىقىسىدە بايانات ئېلان قىلىشىدىن كېيىن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېگەنىدى: «بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى دائېش ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى، نۆۋەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائېشنى يەڭدى. دەرۋەقە، بۇ غەلىبە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.  تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغان بىر پەيتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشكە باشلىدى.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەدىن قايتىشقا باشلىغانلىقىنى، بىراق، يەرلىك كۈچلەر بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى دىپلوماتلىرىنىڭ 24 سائەت ئىچىدە، ھەربىي خادىملىرىنىڭ بولسا 2 – 3 ئاي ئىچىدە سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 2011 – يىلدىن بۇيان ئىچكى ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان سۈرىيەگە دەسلەپكى قەدەمدىكى قىسىملىرىنى 2015 – يىلى ئورۇنلاشتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر