سۇدانىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ كەتتى

سۇداندا دوللار ئۆسۈپ كېتىشى تۈپەيلى مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1111217
سۇدانىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋە مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلىۋاتقان سۇداندا، ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بىسارا جۇمە ئارۇر، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنغا زىت قىلمىشلارنى قەتئىي بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر ئارۇر بىر قىسىم شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان نامايىشلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان قانۇنسىز قىلمىشلارغا سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەمئىيەت مۈلكىگە زىيان سېلىش ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ قانۇنغا زىت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان مىنىستىر ئارۇر، ساقچىلانىڭ نامايىشچىلارغا قوپال مۇئامىلە قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن مىنىستىر ئارۇر، تىنچ ھالدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان نامايىشلارنىڭ جاسۇسلارنىڭ قولى بىلەن زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھۆكۈمەت باياناتچىسى جۇمە ئارۇر بەزى سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ يامان غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن، ھازىرقى ئەھۋالدىن سۇداننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان بېرىش مەقسىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى ئېمبارگولار ۋە ئىقتىسادىي زىيانلارغا قارىماي ئاساسلىق خىزمەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر ئارۇر خەلقنى جاسۇسلارنىڭ پىتنە-ئىغۋالىرىغا ئالدىنىپ كەتمەسلىككە چاقىردى.

يەرلىك ئەمەلدارلار گادارىف ۋە نىل دەرياسى ۋىلايەتلىرىدىكى نامايىشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 8گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاتبارا ۋە پورت سۇدانغا ئوخشاش شەھەرلەردە چارشەنبە كۈنى باشلاپ پەيشەنبە كۈنى پايتەخت خارتۇمغا كېڭەيگەن نامايىشلاردا، ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋە دوللارنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى تۈپەيلى نان، يېقىلغۇ ۋە گاز قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنىڭ ھەسسىلەپ ئۆسۈپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلمەكتە.

داڭگولا، گادارىف ۋە ئاتبارا شەھەرلىرىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.


خەتكۈچ: #سۇدان

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر