فىرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىقلارنىڭ جەمئىي 360 يولنى قاتناشتىن توسۇپ قويدى

فىرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىقلارنىڭ پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا جەمئىي 360 يولنى قاتناشتىن توسۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1110307
فىرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىقلارنىڭ جەمئىي 360 يولنى قاتناشتىن توسۇپ قويدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى لۇرېنت نۇنېز «RMC» رادىيوسىغا بەرگەن باياناتىدا، ساقچىلارنىڭ شەنبە كۈنىدىن بۇيان سېرىق جىلىتكىلىقلار تەرىپىدىن توسۇپ قويۇلغان 170 يولنى ئاچقانلىقىنى ئېيتتى. 

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى چىرىستوپې كاستانېر بولسا، سېرىق جىلىتكىلىقلارنىڭ دۆلەت مىقياسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان يول تاقاش ھەرىكەتلىرىنىڭ توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، «نامايىش باشلانغاندىن بۇيان 8 كىشى ئۆلدى. يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان بۇنچە كۆپ ئادەم ئۆلگەن بىرەر ئىجتىمائىي مەسىلە چىققانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ ئوچۇق ئېيتىپ قوياي، ئەمدى بولدى يېتەر!» دېگەن ئىدى.

سېرىق جىلىتكىلىقلار 17نويابىردىن بۇيان پايتەخت پارىژ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت مىقياسىدا نورغۇن كوچا ۋە يوللارنى قاتناشتىن توختىىپ قويماقتا.

فىرانسىيەدە نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ۋە ئىقتىسادىي شارائىتلىرىنىڭ ناچارلىشىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن 17نويابىردا باشلانغان، بىراق كېيىنچە ماكرون ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزەپ نەپرەت ۋە ئىسيانغا ئايلىنىپ كەتكەن سېرىق جىلىتكىلىقلار نامايىشى، قىرانسىيەنىڭ يېقىنقى تارىخىدىكى ئەڭ شىددەتلىك نامايىش بولۇپ قالدى.  

ئومۇمەن شەھەر مەركەزلىرىدىكى ئىجارە باھاسىنىڭ يۇقىرىلىقى سەۋەبىدىن يېزا - قىشلاردا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان نامايىشچىلار، ماكرون ۋە ھۆكۈمىتىدىن ئىقتىسادىي شارائىتلىرىنىڭ ياخشىلاپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلماقتا.

سېرىق جىلىتكىلىقلار بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۇرمۇشىغا يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار چىقىدىغان قانۇنلارنىڭ خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلماقتا.

نامايىشتا ھازىرغا قەدەر 8 كىشى ئۆلۈپ، تەخمىنەن 4341 كىشى نازارەتكە ئېلىندى. 1000 دىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر