خىتاي ئامېرىكا پالاتاسىغا سۇنۇلغان «تىبەت قانۇن تەكلىپى» گە نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ تىبەتكە ئەركىن كىرىپ چىقىشىغا يول قويۇلمىغان تەقدىردە، خىتايلارنىڭمۇ ئامېرىكىغا كېلىشىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن تەكلىپى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

1107201
خىتاي ئامېرىكا پالاتاسىغا سۇنۇلغان «تىبەت قانۇن تەكلىپى» گە نارازىلىق بىلدۈردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ پايتەخت بېيجىڭدا چاقىرغان جىددىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تىبەت مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر تەكلىپنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

لۇ كاڭ: «قانۇن تەكلىپىدىكى خىتايغا قارشى ئورۇن بېرىلگەن ئەيىبلەشلەر ئۇرۇنسىزدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى تەرىپىدىن قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېدى ۋە ئامېرىكىنى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن مەزكۇر قانۇن تەكلىپىنى قانۇنلىشىشتىن ئىلگىرى توسۇپ قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

لۇ كاڭ يەنە، 2015يىلىدىن بۇيان ئامېرىكىدىن تىبەتكە يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسەتچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 40 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر قانۇن تەكلىپى ئۈچۈن ھېچ قانداق سەۋەب يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكىلىق مەسئۇللار ژۇرنالىستلار بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماستىن تىبەتكە بېرىشىغا يول قويۇلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن ۋە خىتاي مەسئۇللىرىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «2018 يىللىق تىبەتكە ئۆرئارا بېرىپ كېلىش» قانۇن تەكلىپىنى سۇنغان بولۇپ، بۇ تەكلىپ 11 - سىنتەبىردە پالاتا تەرىپىدىن تەستىقلانغان ئىدى.

ئەمدىلىكتە بۇ تەكلىپنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىمزالىشىلا كۈتۈلمەكتە.

ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى روبېرت مېنېندېر قانۇن تەكلىپى ئۈستىدە توختلىپ، «خىتايلار ئامېرىكىغا كەڭ كۆلەمدە بېرىپ كېلىش ئاسانلىقىدىن بولۇشىغا پايدىلنىۋاتىدۇ، بىراق ئامېرىكا پۇقرالىرى ئۇنداق ئوخشاش شارائىتقا ئىگە ئەمەس» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن ئىدى.

خىتاي تېبەت ئاپتونوم رايونى ئۈستىدە، يۈزلىگەن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ رايونغا قارىتا باشقا دۆلەت ۋە چەت ئەل تەشكلاتلىرى ياكى شەخسلەرنىڭ قىلغان پائبلىيەتلىرىنىڭ ھەممىنى ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىۋالغانلىق، دەپ باھالاپ كەلمەكتە. 
 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر