جەنۇبىي كورېيە تالاش - تارتىشلىق ئاراللاردا مانېۋىر باشلىدى

جەنۇبىي كورېيە ھەربىي پاراخوتلىرى شەرقىي دېڭىز (ياپونىيە دېڭىزى) دىكى تالاش - تارتىشلىق ئاراللاردا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانىۋېر باشلىدى.

1106195
جەنۇبىي كورېيە تالاش - تارتىشلىق ئاراللاردا مانېۋىر باشلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىيودا گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي كورېيە «دوكدو» دەپ ئاتايدىغان ۋە ياپونىيە «تاكېشىما» دەپ ئاتايدىغان ئىگىلىك ھوقۇقى تالاشتارتىشلىق ئاراللاردا ئىككى  كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر  باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مانېۋىرغا 6 ئۇرۇش پاراخوتى ۋە 5 ئايروپىلان قاتناشتى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىسترلىقى جەنۇبىي كورېيەنىڭ مەزكۇر ئاراللاردا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، جەنۇبىي كورېيەنىڭ ھەربىي مانېۋىرنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەب قىلدى.

ياپونىيە جەنۇبىي كورېيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى بۇ ئاراللارغا قارىتا 11 يىلدىن بۇيان ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر