كونگودا بۆلگۈنچى كۈچلەر نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ئۇگاندا بۆلگۈنچى كۈچلىرى نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1105329
كونگودا بۆلگۈنچى كۈچلەر نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدە ئۇگاندانلىق بۆلگۈنچى كۈچلەر، يەرلىك خەلققە ھۇجۇم قىلىپ 27 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

يەرلىك تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەردە، ئۇگاندالىق بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ كونگونىڭ شەرقىگە جايلاشقان بېنى رايونىدا بىر ھەپتىدىن بۇيان ئىزچىل تېررورلۇق ھۇجۇمى سادىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ئويچا شەھىرىدە تۈنۈگۈن ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا 17 ئادەم ئۆلگەن.

ئىنسانىي ياردەم ئورگانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇگاندا 1986-يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ كەلگەن يوۋېرى مۇسەۋەنىگە قارشى 1990-يىلى قۇرۇلغان ئۇگاندا «مۇستەقىلچىلەر» تەشكىلاتىنىڭ سادىر قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھازىرغىچە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن.

كونگونىڭ شەرقىدە 1995-يىلدىن بۇيان پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇگاندا «مۇستەقىلچىلەر» تەشكىلاتى ئۇگاندا ھۆكۈمىتى ۋە ب د ت تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر