ئىران فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىغا ئوق بېشى ئىشلىش توغرۇلۇق ھېچقانداق بىر پىلانى ۋە پىروگراممىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

1100990
ئىران فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بەھرام قاسىمى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، غەرب ئەللىرىنىڭ ئىرانغا قارىتا باياناتلىرى، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ، ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش توغرۇلۇق تاشلىغان قەدەملىرىنى تەنقىد قىلدى، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ تامامەن ئۆزىنى قوغداش ھەم دۆلىتىنى مۇداپىئە قىلىش نىشانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىغا ئوق بېشى ئىشلىش توغرۇلۇق ھېچقانداق بىر پىلانلىرى ۋە پىروگراممىلىرىنىڭ يوقلۇقىنى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىغا ئالاقىدار ئەندىشىلەرنىڭ ئاساسسىز بولۇپ، بۇنىڭ بەزى دۆلەتلەر تەرىپىدىن قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىمىزنى بەزىلەرنىڭ ئەندىشىلىرىگە ئاساسەن روياپقا چىقارمايمىز، دەرۋەقە، بەزى ئەللەرنىڭ ئەندىشىلىرى ئاساسسىز بولۇپ، ھېچقانداق ئورۇنلۇق تەرىپى يوقتۇر. بۇ ئەندىشىلەرنى دۇنيادىكى ئىرانغا قارشى ھاكىمىيەتلەر سىياسىي مەقسەتتە ئويدۇرۇپ چىقارغان بولۇپ،  غەرب ئەللىرى دۆلىتىمىزگە قارىتا قوش ئۆلچەملىك سىياسەتنى يولغا قويۇۋاتىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەندىكى پائالىيەتلىرىگە قارىتا سۈكۈت قىلىۋاتقان غەرب ئەللىرى، ئىراننىڭ تىنچلىقنى قوغداشنى نىشان قىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر