ئامېرىكا سومالىدا دىپلوماتىك ۋاكالەتخانا ئاچتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىدىن 27 يىل ئۆتكەندىن كېيىن سومالىدا دىپلوماتىك ۋاكالەتخانا ئاچتى.

1100780
ئامېرىكا سومالىدا دىپلوماتىك ۋاكالەتخانا ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرت، ئامېرىكىنىڭ 1991 – يىلى تاقىۋەتكەن سومالىدىكى دائىمىي دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىسىنى قايتىدىن ئاچقانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، «بۇ تارىخىي ۋەقە، سومالى يېقىنقى يىللاردا نامايان قىلغان ئىلگىرىلەشنىڭ ئەكس ئېتىشىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھېئىتېر نائۇئېرت، ئامېرىكىنىڭ قارارىغا مۇناسىۋەتلىك يازما باياناتىدا، ئېچىلغان دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سومالى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ قارار، سومالى يېقىنقى يىللاردا نامايان قىلغان ئىلگىرىلەشنىڭ ئەكس ئېتىشىدۇر. قايتىشىمىز، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق مۇقىملىق، دېموكراتىيە ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا باغلىق ئىكەنلىكىنىڭ ناماياندىسىدۇر. باش ئەلچى دونالد ياماموتو بىلەن خىزمەتداشلىرى، ئەسلىدىلا يېقىن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئورتاق نىشانلار دائىرىسىدە ئىلىگىرىلىتىش ئۈچۈن سومالى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە» دېدى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى، 80 – يىللاردا سومالىدا ئوتتۇرىغا چىقىپ، سومالى ھۆكۈمىتىنىڭ تارقىلىپ كېتىشى بىلەن ئاخىرلاشقان ئىچكى ئۇرۇش تۈپەيلى 1991 – يىلى بىخەتەرلىكنى سەۋەب قىلىپ، پايتەخت مۇقدىشودىكى ئەلچىخانىسىنى تاقاپ، ئەلچىخانا خادىملىرىنى قايتۇرۇپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر