«سېرىق چاپانلىقلار» نامايىشى فىرانسىيە مىللىي مەجلىسى ۋە پالاتاسىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى

فىرانسىيە مىللىي مەجلىسى ۋە پالاتاسى، «سېرىق چاپانلىقلار» نىڭ يېقىلغۇ بېجىنىڭ تۆۋەنلىتىشى ۋە ئىقتىسادىي شەرت – شارائىتنىڭ ياخشىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزگەن نامايىشلىرى توغرىسىدا يىغىن چاقىرىدۇ.

1099854
«سېرىق چاپانلىقلار» نامايىشى فىرانسىيە مىللىي مەجلىسى ۋە پالاتاسىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەتە مىللىي مەجلىستە ۋە پەيشەنبە كۈنى پالاتادا نامايىشلار توغرىسىدا يىغىن چاقىرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا، باش مىنىستىر ئېدۇۋارد فىلىپنىڭمۇ ئەتە سېرىق چاپانلىقلار ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

بۇ جەرياندا ئىقتىساد مىنىستىر لې مائىرې، «سېرىق چاپانلىقلار» نىڭ تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، باجلار ۋە ئومۇمىي خىراجەتلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە قىسقارتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مىنىستىرلىقتا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېقىلغۇ باجلىرىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئىقتىسادىي شەرت – شارائىتنى ياخشىلاش يولىدا «سېرىق چاپانلىقلار» نىڭ نامايىشلىرىدىن كېيىن يولغا قويۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان چارە – تەدبىرلەر توغرىسىدا توختالدى.

باج ۋە ئومۇمىي خىراجەتلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە قىسقارتىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن مائىرې، بۇ يولدا ئىلگىرىلەش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

«سېرىق چاپانلىقلار» نىڭ نامايىشلىرىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان لې مائىرې، ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرنىڭ بۇ مۇساپىدە زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، نامايىشلار تۈپەيلى ئارقا سەپ ۋە توشۇمىچىلىق شىركەتلىرىنىڭ 400 مىليون ياۋرو زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى، مېھمانخانىلاردىن ياتاق ئاجرىتىش نىسبىتىنىڭ %15 بىلەن %20 ئارىلىقىدا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

15 كۈندىن بۇيان رېستۇران كىرىملىرىنىڭ %20 بىلەن %50 ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان لې مائىرې، نامايىشلارنىڭ Renault ۋە Peugeot نىڭ سېتىش نىسبەتلىرىنىمۇ تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، باش مىنىستىر فىلىپ، پىرېزىدېنت ئېمانۇئېل ماكروننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، ئاشقۇن ئوڭچى مىللىي بىرلىك پارتىيەسى باشلىقى لې پېنتاگون ۋە ئاشقۇن سولچى بويۇن ئەگمەس فىرانسىيە ھەرىكىتىنىڭ لىدېرى مېلېنچون قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ لىدېرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئۆكتىچى پارتىيەلەر، ھۆكۈمەتنى نامايىشلار جەريانىدا زوراۋانلىق قىلىشقا يول قويۇش ئارقىلىق «سېرىق چاپانلىقلار» نىڭ قانۇنىيلىقىغا زىيان يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

فىرانسىيە مىقياسىدا سېرىق چاپانلىقلار دېگەن نام ئاستىدا تەشكىللەنگەن نامايىشچىلار، 17 – نويابىردىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ يېقىلغۇغا قوشۇمچە باج قويۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزۇتقان بولۇپ، نامايىشلار جەريانىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىشلەردە ھازىرغىچە 2 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 222 سى خەۋپسىزلىك خادىمى بولۇپ جەمئىي 1043 ئادەم يارىلاندى، 1424 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر