ئامېرىكا پاكىستاندىن ياردەم تەلەپ قىلغان

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۆزىگە مەكتۇب يېزىپ، ئافغانىستان مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1099535
ئامېرىكا پاكىستاندىن ياردەم تەلەپ قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان پىرېزىدېنت ترامپنىڭ مەكتۇبىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتتى.

پاكىستان يەرلىك تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، باش مىنىستىر ئىمران خان پاكىستان مۇخبىرلىرىغا بايانات بېرىپ، بۈگۈن (3-نويابىر) ترامپنىڭ مەكتۇبىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مەكتۇپتا پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئافغانىستاندا 17 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان مۇقىمسىزلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پاكىستاندىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

پاكىستان ئۇچۇر ۋە ئاخبارات مىنىستىرى فاۋاد چاۋدارى مەزكۇر مەكتۇب ھەققىدە توختىلىپ: «ترامپ پاكىستاندىن تالىباننى دىيالوگ ئۈستىلىگە ئەكىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قلدى» دېگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر