سىلوۋاكىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەدىسىگە ئاساسەن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

سىلوۋاكىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىروسلاۋ لاجاك، پارلامېنتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ خەلقئارا كۆچمەنلەر كېلىشىمىگە تەرەپ بولماسلىقنى قارار قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

1097773
سىلوۋاكىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەدىسىگە ئاساسەن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىلوۋاكىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشتا 150 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ 90 ىنىڭ كۆچمەنلەر كېلىشىمىگە قارشى بېلەت تاشلىشى بىلەن، دۆلەتنىڭ ب د ت نىڭ خەلقئارا كۆچمەنلەر كېلىشىمىگە تەرەپ بولماسلىقى توغرىسىدا قارار چىقتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۆتكەن ھەپتە دۆلىتى كۆچمەنلەر كېلىشىمىگە تەرەپ بولمىغان تەقدىردە، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىروسلاۋ لاجاك دېگىنى بويىچە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

سىلوۋاكىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بورىس گاندېل سىلوۋاكىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى – تاسرغا بايانات بېرىپ، لاجاكنىڭ ب د ت نىڭ «بىخەتەر، مۇنتىزىم ۋە قانۇنلۇق كۆچمەنلىككە ئالاقىدار خەلقئارا كېلىشىمى» ناملىق خەلقئارالىق تۇنجى كۆچمەنلەر كېلىشىمىگە پارلامېنتنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ ئاۋازىغا ئاساسەن «قوشۇلماسلىقنى قارار» قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ھۆكۈمەت، كېلىشىمنىڭ سىلوۋاكىيەنىڭ كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلار سىياسىتىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قانۇنىي جەھەتتىن ئىجرائىيە كۈچىگە ئىگە بولمىغان كېلىشىمگە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ۋېنگىرىيە ۋە ئاۋسترىيەمۇ ئىمزا قويمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ب د ت نىڭ مەزكۇر كېلىشىمى، مۇشۇ ئاينىڭ 10-، 11- كۈنلىرى ماراكەشنىڭ ماراكەش شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنىدا قوبۇل قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر