خىتاي تەيۋەن مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە 2 ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشىگە ئالاقىدار ئەندىشىلىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بىلدۈردى.

1097586
خىتاي تەيۋەن مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېن شۇەن ئاخبارتچىلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە 2 ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تەيۋەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىىسدىكى مۇناسىۋەتتە ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ سەزگۈر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 

بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان گېن شۇەن: «تەيۋەن مەسىلىسى خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە مۇستەقىللىق ھوق ھوقۇقلىرىغا چېتىلىدۇ. بۇ ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ سەزگۈر مەسىلىدۇر» دېدى.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ تەيۋەن بۇغۇزىدىن ئۆتۈشىنى يېقىندىن تەقىب قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكىغا تەۋە 2 ئۇرۇش پاراخوتى ئىيۇل ۋە ئۆكتەبىر ئايلىرىدا تەيۋەن بۇغۇزىدىن ئۆتكەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر خىتاي» پىرىنسىپىنى بويلاپ، خەلقئارا جامائەتچىلىك ئارىسىدا خىتايغا پەقەت ئۆزلىرىنىڭلا ۋەكىللىك قىلالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە ۋە تەيۋەن ئەگەر مۇستەقىللىقىنى جاكارلىسا، ھەربىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، مۇداخىلە قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالماقتا. 

خىتايدا 1949يىلى ماۋنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى بىلەن بەزى ھۆكۈمەت ئەزالىرى تەيۋەنگە قېچىپ بېرىپ، ئارالدا مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان ۋە «مىللىتارىست خىتاي» دەپمۇ ئاتالغان تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى قۇرغان ئىدى.

بىراق خىتاي تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ھازىرغىچە ئېتىراپ قىلماي كەلمەكتە.

ئامېرىكا 1979يىلىدا «بىر خىتاي» سىياسىتىگە بىنائەن تەيۋەنىڭ ئورنىغا خىتاي خەلق جۇمھۇرىتىنى خىتاينىڭ بىردىن بىر ۋەكىلى سۈپىتىدە «قانۇنلۇق ھۆكۈمەت» دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى غەيرى رەسمىي شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

تەيۋەن ئارىلىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچلۈك قۇللاپ قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ھەر يىلى تەيۋەننى مىلياردلىغان دوللارلىق قۇرال بىلەن تەمىنلىمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر