ئامېرىكا سۈرىيەدە كۆزىتىش نۇقتىلىرى بەرپا قىلىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا كۆزىتىش نۇقتىلىرى بەرپا قىلىدۇ.

1096678
ئامېرىكا سۈرىيەدە كۆزىتىش نۇقتىلىرى بەرپا قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى كۈرەش ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك سېن ريان، تېلېۋىزىيە يىغىنى ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ئۇلىنىپ، بەرگەن باياناتىدا،  سۈرىيە چېگراسىدا بەرپا قىلىنىدىغان كۆزتىىش نۇقتىلىرىدىن مەقسەتنىڭ،  تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىنىڭ بۇ دۆلەتتىن قېچىپ، تۈركىيەگە كىرىشكە ئۇرۇنۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى،  تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇنبىچتا ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رايونغا كىرىشىگە تاقابىل تۇرغانلىقىنى، جۈملىدىن بۇ پائالىيەتلەرنىڭ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قىسىملىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرا فىرات ۋادىسىدىن شىمالغا، تۈركىيەگە قېچىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا كۆزىتىش نۇقتىلىرى بەرپا قىلىدۇ. بۇ نۇقتىلار تۈركىيەنىڭ دائېش ئۇنسۇرلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى شەكىلدە قوغدىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.»

ئۇ، چېگرا رايونىدا قانچە كۆزىتىش نۇقتىسى بەرپا قىلىنىدىغانلىقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، نۆۋەتتە پەقەت قۇرۇلغۇسى بەزى كۆزتىىش نۇقتىلىرىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقلىرىنى، تېخىچە ھېچقانداق بىر كۆزىتىش نۇقتىسى بەرپا قىلمىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى، ھەمدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقارنىڭ كۆزىتىش نۇقتىلىرى مەسىلىسىگە قارىتا بىلدۈرگەن نارازىلىقى خاتىرىلىتىلىپ، بۇ كۆزىتىش نۇقتىلىرى ئارقىلىق ي پ گ نى قوغداش نىشان قىلىنىپ قىلىنمايدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىشتىكى نىشانىمىز رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتۇر. تۈركىيەنىڭ ئەندىشىلىرىگە ئەلۋەتتە كۆڭۈل بۆلىمىز. چۈنكى بۇ ناھايىتى مۇھىمدۇر. دەرۋەقە، تۈركىيە ھەم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشىمىزدۇر ھەم ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئىچىدىكى شېرىكىمىزدۇر.»

پولكوۋنىك ريان بۇ مەسىلىنىڭ تۈركىيەنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈپ ئۆتمىگەنلىكىگە ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە تۈركىيەگە تولۇق مەلۇمات بېرىلدى.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جەيمس ماتتىس، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي چېگراسىغا كۆزىتىش نۇقتىلىرى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ كۆزىتىش نۇقتىلىرىنىڭ تۈركىيەگە يۈزلەنگۈسى تەھدىتلەرگە قارشى تۈركىيەنى خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە بەرپا قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار بۇنىڭغا قاراىتا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن، ھەمدە ئامېرىكىلىق كەسپداشلىرىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر