ئافغانىستاندا 3 ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى

ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دائىرىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ھۇجۇمدا 3 ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلدى.

1096023
ئافغانىستاندا 3 ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى

ئافغانىستاندىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ غەزنە ۋىلايىتى مەركىزىگە يېقىن جايدا، يول ياقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجسىدە ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھۇجۇمدا يەنە 3 ئەسكەرنىڭ يارىدار بولغانلىقى ۋە دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەسكەرلەرنىڭ كىملىكلىرىنىڭ 24 سائەتكىچە ئېلان قىلىنمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

ئافغانىستاندا ھازىر 14 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر