ئىسرائىلىيە چادقا قورال-ياراغ ياردەم قىلدى

ئىسرائىلىيە چاد ھۆكۈمىتىگە قورال-ياراغ ياردەم قىلدى.

1094851
ئىسرائىلىيە چادقا قورال-ياراغ ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە چادقا «ئىسيانچىلارغا تاقابىل تۇرۇش»ئۈچۈن قورال-ياراغ ياردەم قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھارېتز گېزىتىنىڭ چادلىق مەسئۇللارنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، تېل ئاۋىۋ ھاكىمىيىتى چادنىڭ شىمالىغا جايلاشقان رايونلاردىكى توقۇنۇشلاردا ئىشلىتىش ئۈچۈن چاد ھاكىمىيىتىگە قورال-ياراغ ياردەم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئەنجەمىنە ھاكىمىيىتىگە قانچىلىك ۋە قايسى خىلدىكى قورال-ياراغلارنىڭ ياردەم قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

گېزىت يەنە ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولمىغان چادنىڭ پىرېزىدېنتى ئىدرىس دەبىنىڭ تۈنۈگۈن تىل ئاۋىۋنى زىيارەت قىلىشىنىڭ مەقسىتىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

بۇنىڭدىن سىرت، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق قۇددۇس تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دورې گولد ھارېتز گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «چاد ئافرىقادىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ، چاد رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقان مۇھىم دۆلەتتۇر.»

گول چادنىڭ 1972-يىلى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ: چاد لىۋىيەنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن پىرېزىزىدېنتى مۇھەممەر قەززافىنىڭ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىىشى نەتىجىسىدە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىغانىدى. ھازىر قەززافى يوق، شۇڭا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك، دېدى.

ئىسرائىلىيە بۇرۇن ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلاردا، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان دىكتاتور ھۆكۈمەتلەرنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەش بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر