سەئۇدى ئەرەبىستاندا قار ياغدى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تايىف ۋە ئەنھا شەھەرلىرىدە قار ياغدى.

1093969
سەئۇدى ئەرەبىستاندا قار ياغدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بەزى شەھەرلىرى قىش پەسلىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بولغان قارغا شاھىت بولدى.

چۆل كىلىماتى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تايىف ۋە ئەبھا شەھەرلىرى ئاپئاق قار بىلەن پۈركەندى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تايىف ۋە ئەبھا شەھەرلىرىدە مەيدانغا كەلگەن شىددەتلىك ھۆل-يېغىندىن كېيىن قار ياغدى.

شىددەتلىك ھۆل-يېغىن ۋە قار سەۋەبلىك بەزى يوللار قاتناشقا توسۇۋېتىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بەزى جايلىرىدا مەيدانغا كەلگەن كەلكۈن سەۋەبلىك ئەڭ ئاز 35 ئادەم قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر