«ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا ھەل بولمايۋاتقان مەسىلىلەر بار»

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىا ھەل بولمايۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

1092663
«ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا ھەل بولمايۋاتقان مەسىلىلەر بار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مۇزاكىرىلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ھەل بولمايۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جېن كلاۋۇد جۇنكېر بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بايانات بەرگەن مېي، مۇزاكىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى مۇزاكىرىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان مۇزاكىرە ھەيئىتىگە يول كۆرسىتىش جەھەتتە پايدىلىق بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن تېرېسا مېي: مۇزاكىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق، لېكىن يەنىلا ھەل بولمىغان مەسىلىلەر بار، بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە ھەيئىتىمىزنىڭ ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، دېدى.

باش ۋەزىر مېي  مۇشۇ شەنبە كۈنى بىريۇسسېلغا قايتا بېرىپ كومىتېت باشلىقى جۇنكېر بىلەن يەنە كۆرۈشىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: بىريۇسسېلدا مۇزاكىرىلەرنى ھەممە تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق شەكىلدە ئاخىرلاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز، دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكەن ھەپتە 585 بەتلىك كېلىشىم تېكىستىدە بىردەكلىك ھاسىل بولغانىدى.

پايتەخت بىريۇسسېل مۇشۇ يەكشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلىدىغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ.

ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ 585 بەتلىك كېلىشىم تېكىستىگە ئىمزا قويىدىغانلىقى ۋە ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا كەلگۈسىدە ئورنتىلىدىغان مۇناسىۋەت شەكلىگە مۇناسىۋەتلىك«سىياسىي خىتابنامە»نىڭ ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر