ئامېرىكا سۈرىيەدە كۆزىتىش نۇقتىسى قۇرۇپ چىقىدۇ

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمىس ماتتىس سۈرىيەنىڭ شىمالىي چېگراسىدا كۆزىتىش نۇقتىسى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1092612
ئامېرىكا سۈرىيەدە كۆزىتىش نۇقتىسى قۇرۇپ چىقىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمىس ماتتىس، تۈركىيەنىڭ ئەسەد قىسىملىرىنىڭ تېررورلۇق تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سۈرىيەنىڭ شىمالىي چېگراسىدا كۆزىتىش نۇقتىسى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى-پېنتاگوندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ماتتىس، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بەششار ئەسەدنىڭ ئۆز دۆلىتىدە قەتلىئام ئېلىپ بېرىپ سۈرىيەنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىن كېلىدىغان تەھدىتلەردىن ئەندىشە قىلىشى تولىمۇ نورمال، تۈركىيەنىڭ ئەندىشىلىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، سۈرىيەنىڭ شىمالىي چېگراسىدا كۆزىتىش نۇقتىسى قۇرۇپ چىقىمىز، كۆزىتىش نۇقتىلىرى قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتۇق، بەزى مەسىلىلەردە مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىۋاتىمىز، ھەم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز ھەمدە ئارمىيەمىز تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تۈركىيەگە نىسبەتەن خەۋپ شەكىللەندۈرگەن ھەر قانداق قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىمىز، دېدى.

قۇرۇلىدىغان كۆزىتىش نۇقتىلىرىغا كېچە ۋە كۈندۈزدە پەرق ئەتكىلى بولىدىغان ئىشارەت قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ماتتىس مۇنداق دېدى: «تۈرك ئەسكەرلىرى بىلەن چېگرانىڭ قارشى تەرىپىدىن پاراڭلىشايلايدىغان بولىمىز، كۆزىتىش نۇقتىلىرىغا كېچە ۋە كۈندۈزدە پەرق ئەتكىلى بولىدىغان ئىشارەت قويىمىز، بۇ كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى ھەر قانداق ۋاقىتتا ئاسانلا پەرق ئەتكىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا تۈركىيە ئارمىيەسى بىزنى ھەر قانداق ۋاقىتتا ئېنىق پەرق ئېتەلەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر