موگېرىنى ياۋروپا ئارمىيەسى قۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئىزاھات بەردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى، «ياۋروپا ئارمىيەسى قۇرۇشقا تىرىشمايۋاتىمىز» دېدى.

1092163
موگېرىنى ياۋروپا ئارمىيەسى قۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئىزاھات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فېدېرىكا موگېرىنى، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرغان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كېڭىشىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىتتىپاقنىڭ مۇداپىئە ساھەسىدە تاشلىغان قەدەملىرى توغرىسىدا توختالدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە ساھەسىدە تاشلىغان قەدەملىرىنىڭ ناتو بىلەن تولۇق ماس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن موگېرىنى، ئىتتىپاقنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە ساھەسىدىكى سېلىنمىلىرىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىغا باشلامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مىللىي ئارمىيەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىگىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ شۇ دۆلەتلەرنىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن موگېرىنى،  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە ساھەسىدىكى قابىلىيەت پەرقلىرىنى ئازايتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر ھەربىي ئەمەسلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنداق بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، « ياۋروپا ئارمىيەسى قۇرۇشقا تىرىشمايۋاتىمىز، بۇ يەردە ھېچكىم ياۋروپا ئارمىيەسى ھەققىدە گەپ قىلمىدى. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رايون ۋە دۇنيادا تېخىمۇ كۈچلۈك رەۋىشتە خەۋپسىزلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدىغان ئاكتىيور بولۇشى ئۈچۈن مەبلەغ سېلىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر