ئامېرىكا ۋەكىلى زالماي: تالىبان بىلەن ئاپرېلغىچە تىنچلىق ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خەلىلزاد، ئافغانىستاندا 2019 – يىلى 20 – ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەھەللىي سايلاملارغىچە تالىبان بىلەن تىنچلىق مەسىلىسى بويىچە كېلىشىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1090738
ئامېرىكا ۋەكىلى زالماي: تالىبان بىلەن ئاپرېلغىچە تىنچلىق ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاھىدە ۋەكىل زالماي خەلىلزاد، تىنچلىق سۆھبەتلىرى دائىرىسىدە قاتاردا تالىبان بىلەن ئۆتكۈزگەن 3 كۈنلۈك ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلغا قايتىپ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

«ئافغانىستاندا 2019 – يىلى 20 – ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەھەللىي سايلاملارغىچە تىنچلىق مەسىلىسى بويىچە كېلىشىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىمىز. بارلىق مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ۋە بارلىق ئافغان گۇرۇپپىلار بىلەن كۆرۈشۈۋاتىمەن. يارىشىش ۋە تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن پۇرسەت بار دەپ قارايمەن» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن زالماي خەلىلزاد، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تالىبانمۇ ئۇرۇش ئارقىلىق ئۇتۇق قازىنىمىز دەپ ئويلىمايدۇ. تالىبانمۇ مەسىلىلەرنىڭ سىياسىي ۋە تىنچ ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىنىشىنى خالايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تالىباننىڭ قاتاردىكى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشقا، تەشكىلاتنىڭ ھىرات ۋىلايىتىنىڭ سابىق ئەمەلدارى خەيرۇللاھ خەيىرخاھ بىلەن تالىباننىڭ سابىق ھەربىي ئىشلار ئەمەلدارى مۇھەممەد فازلىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئافغانىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ھامىد كارزائىي مەزگىلىدە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ئارىسىدا باشلانغان ئۇچرىشىشلارنىڭ قاتارنى پايتەختى دوھادا 2013 – يىلى ئىيۇندا داۋاملاشتۇرۇلۇشى پىلانلانغان بولسىمۇ، تالىبان ئىشخانىسىغا «ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى» يېزىلغان خەت بىلەن بايرىقىنى ئاسقانلىقى ئۈچۈن، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن ۋاز كەچكەن، مەزكۇر ئىشخانا شۇ ئىش يۈز بېرىپ بىرەر ئايغا قالمايلا تاقىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، تىنچلىق سۆھبەتلىرى توختاپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر