ترامپ پېنسنىڭ سادىقىتىدىن قەتئىي گۇمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنسنىڭ سادىقىتىدىن قەتئىي گۇمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1090129
ترامپ پېنسنىڭ سادىقىتىدىن قەتئىي گۇمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنسنىڭ سادىقىتىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا پەيدا بولغان قاراشلارنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ: ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ سادىقىتىدىن قەتئىي گۇمانلانمايمەن، مايك پېنس ماڭا ھەقىقەتەن سادىق بىرى، دېدى.

دونالد ترامپ كالىفورىنىيە ئىشاتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئۈچۈن رايونغا يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ «ترامپ مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنسنىڭ سادىقىتىدىن گۇمان قىلىدۇ»دېگەن قارىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېيتقان ترامپ: ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ ساداقىتىدىن  قەتئىي گۇمان قىلمايمەن، مايك پېنس ماڭا ھەقىقەتەن سادىق بىرى، كاللامدا ئازراقمۇ گۇمان يوق، ئۇ باشتىن –ئاخىرى يېنىمدىن ئايرىلمىدى، دېدى.

ترامپ تۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۇ قارىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ يالغان خەۋەر تارقىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ترامپ: بىرمۇ پىرېزىدېنتنىڭ ئۆزىنىڭ مۇئاۋىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزدەك ياخشى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن، ئۇلار يالغان خەۋەرلا تارقىتىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇلار خەلقنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر، دېدى.

ئاسىيا-تىنچ ئوكيا ئىقتىسادى ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پاپۇۋا يېڭى گىنەگە كەلگەن مايك پېنس مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرى توغرۇلۇق پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن پاراڭلاشقاندا بۇ خەۋەرنىڭ ئۆزلىرىگە تولىمۇ كۈلكىلىك بىلىنگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى نامسىز مەنبەلەرنى ئاساس قىلىپ بەرگەن خەۋىرىدە، دونالد ترامپنىڭ مايك پېنستىن 2020-يىلدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدا يەنە ئۆزىنى قوللاپ ياكى قوللىمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، پېنسنىڭ ئىجابىي جاۋاب بېرىشىگە قارىتا ترامپنىڭ «مەن بۇ جاۋابنى كۈتمىگەن ئىدىم»دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ترامپنىڭ بۇ سۆزىگە ئاساسەن «ترامپ پېنسنىڭ سادىقىتىدىن گۇمان قىلىدىكەن»دېگەن قاراش پەيدا بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر