ھىندىستاندا بوران-چاپقۇن ئاپىتى يۈز بېرىپ 40 ئادەم قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدا شىددەتلىك بوران-چاپقۇن ئاپىتى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ماددىي ۋە مەنىۋى زىيان كۆرۈلدى.
1089909
![ھىندىستاندا بوران-چاپقۇن ئاپىتى يۈز بېرىپ 40 ئادەم قازا قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/4fbc/f008/1eff/5bf100da87790.jpg?time=1718991924)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدا شىددەتلىك بوران-چاپقۇن ئاپىتى يۈز بېرىپ 40 ئادەم قازا قىلدى.
ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە ئورۇن ئالغان خەۋەرلەردە، تامىل نادۇ ئۆلكىسىنىڭ ساھىل رايونلىرىدا مەيدانغا كەلگەن گاجا بوران-چاپقۇن ئاپىتىدە نۇرغۇن ئۆينىڭ ۋەيران بولۇپ 82مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تامىل نادۇ ئۆلكىسى باشلىقى ئەداپپادى پالانىسۋامى ئاپەت رايونىغا بېرىپ يەرلىك خەلقتىن ھال-ئەھۋال سورايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
پالانىسۋامى تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
بوران-چاپقۇن سەۋەبلىك رايونغا توك بېرىلمەيۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.