ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى 17 كىشىگە ماگنىتىسكى قانۇنى دائىرىسىدە جازا يۈرگۈزدى

ئامېرىكا دائىرىلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى سۇيىقەستى بىلەن چېتىلىشقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 17 نەپەر ئەرەبىستانلىققا جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

1088985
ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى 17 كىشىگە ماگنىتىسكى قانۇنى دائىرىسىدە جازا يۈرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ماگنىتىسكى كىشىلىك ھوقۇق جاۋابكارلىرى قانۇنى دائىرىسىدە قاشىقجى جىنايىتى بىلەن چېتىشلىق جازا يۈرگۈزۈلگەنلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

ۋاشىنگتون دائىرلىرى ماگنىتىسكى كىشىلىك ھوقۇق جاۋابكارلىرى قانۇنى دائىرىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ سابىق باش مەسلىھەتچىسى سۇئۇد ئەلقەھتانى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى مۇھەممەد ئەلكاتىبى ۋە مۇئاۋىنى ماھىر مۇترىب قاتارلىقلاردىن باشقا سالاھ تۇبەيغى، مەشئەل ئەلبوستانى، نائىف ئەلئارىف، موھەممەد ئەززەھرانى، مەنسۇر ئاباھۇسەيىن، خالىد ئەلئۇتەيبى، ئابدۇلئەزىز ئەلھەۋساۋى، ۋەلىيد ئەسسەھرى، تائىر ئەلھەربى، فەھد ئەلبەلاۋى، بەدىر ئەلئۇتەيبى، مۇستافا ئەلمەدەنى، سەيىف ئەلقەھتانى ۋە تۈركى ئەسسەھرى ئىسىملىك سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىرىغا جازا يۈرگۈزۈشنى باشلىدى.

ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قارارى دائىرىسىدە بۇ كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى مال – مۈلۈكلىرى توڭلىتىلدى، ئامېرىكىلىقلار بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرى ئورنىتىشلىرى مەنئى قىلىندى.

ئېمبارگو جازاسىنىڭ قاشىقجى جىنايىتى يۈز بېرىپ 45 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئېلان قىلىنىشى دىققەتنى تارتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر