ياۋروپا پارلامېنتى ئەزا دۆلەتلەرنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال ئېمبارگوسى قويۇشقا چاقىردى

ياۋروپا پارلامېنتى ئەزا دۆلەتلەرنى سەئۇدى ئەرەبىستان بولۇپ ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى دۆلەتلەرگە قورال ئېمبارگوسى قويۇشقا چاقىردى.

1088080
ياۋروپا پارلامېنتى ئەزا دۆلەتلەرنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال ئېمبارگوسى قويۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتى ئەزا دۆلەتلەرنى سەئۇدى ئەرەبىستان بولۇپ ئوتتۇرا شەرقتە توقۇنۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان رايونلارغا قارىتىلغان قورال ئېمبارگوسى ۋە قورال ئېكسپورتىنى قاتتىق نازارەت قىلىشقا چاقىردى.

فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرۇگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىدە، بىرلەشمە سولچىلار گۇرۇھىنىڭ گېرمانىيە ئەزاسى سابىنە لوسىڭ تەرىپىدىن تەييارلاپ چىقىلغان دوكلات ۋە مۇناسىۋەتلىك لايىھە كېڭەش قىلىنىش نەتىجىسىدە ماقۇللاندى.

150گە قارشى 427 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان لايىھەدە، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئېسكپورت قىلىنغان قوراللارنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارالمىغانلىقى، قورال ئېكسپورتىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە-پىرىنسىپلارغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئېمبارگو قويولۇشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

مەزكۇر لايىھەدە يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئېكسپورت قىلغان قورال-ياراغلارنىڭ يەمەندە ئىشلىتىلىپ ۋەزىيەتنى تېخمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەنلىكى، شۇڭا سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىغا ئېمبارگو قويۇلۇشى لازىملىقى بىلدۈرۈلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ قورال ئېكسپورت قىلىشىغا دائىر قائىدە-پىرىنسىپلارنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىدا ئىشقا يارايدىغان ئۈنۈملۈك مىخانىزم بەرپا قىلىنىشى ئەسكەرتىلگەن لايىھەدە، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدە-پىرىنسىپلارغا ئىزچىل خىلاپلىق قىلىپ كەلگەنلىكى تەكىتلەندى.

لايىھەدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قورال-ياراغ ئېكسپورتىغا مۇناسىۋەتلىك جەمئىي 8 پىرىنسىپنىڭ 6سىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، يەمەن خەلقى دۇچار بولۇۋاتقان ئازاب-ئوقەبەت ۋە پاجىئەلەرگە سەۋەب بولغان بومباردىمان قىلمىشلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن سېتىلغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە بومبىلار ئىشلىتىلىپ سادىر قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى گېرمانىيە ۋە گوللاندىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال-ياراغ ئېمبارگوسى قويۇشنى قارار قىلىشىدىن خۇرسەن بولغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشۈپ، بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنى بۇ ئىككى دۆلەتكە ئوخشاش سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال ئېمبارگوسى قويۇشقا چاقىردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى قورال ئېكسپورتىدا دۇنيا بويىچە ئامېرىكىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

دۇنيادىكى  ئومۇمىي قورال-ياراغلارنىڭ %27نى ئىشلەپچىقىرىپ ئېكسپورت قىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى، قورال-ياراغ ئېكسپورتىنىڭ %45نى ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قىلىدۇ.

19-يىللىق قورال ئېكسپورتى دوكلاتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرگە قورال-ياراغ ئېكسپورت قىلىپ جەمئىي 57 مىليون 900 مىڭ ياۋرو كىرىم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر