شىددەتلىك ھۆل - يېغىن كۇۋەيتنىڭ ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى ئاقسىتىپ قويدى

كۇۋەيت خەۋەر ئاگېنتلىقى – كۇنانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىددەتلىك ھۆل - يېغىن كۇۋەيتنىڭ ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى ئاقسىتىپ قويغان.

1088552
شىددەتلىك ھۆل - يېغىن كۇۋەيتنىڭ ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى ئاقسىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇۋەيت خەۋەر ئاگېنتلىقى – كۇنانىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىدىن تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، شىددەتلىك ھۆل – يېغىن كۆرۈش مۇساپىسىنى قىسقارتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، كۇۋەيت ئايرودۇرۇمىدىن قوزغىلىدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرى ۋاقىتلىق توختىتىلغان، كېلىدىغان ئايروپىلانلار بولسا بەھرەيىن، دەممام (سەئۇدى ئەرەبىستان) ۋە دۇبەي ئايرودۇرۇملىرىغا قونۇشقا مەجبۇر بولغان.

كۇۋەيت ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، شىددەتلىك ھۆل – يېغىن ۋە ناچار ھاۋا شارائىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، مىنىستىرلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ تەتىل مۇددىتىنى ئۇزارتقانىدى.

كۇۋەيت مېتېرولوگىيە باش ئىدارىسىغا قاراشلىق دېڭىز مۆلچەرلىرى ئىدارىسى باشلىقى ياسىر ئەلبەللۇشى، يامغۇرنىڭ جۈمە كۈنىگە داۋاملىشىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر