پېنس: ئامېرىكا ھىندى ئوكياندا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، ھىندى ئوكياندا كونتروللۇق ئەمەس، ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1088540
پېنس: ئامېرىكا ھىندى ئوكياندا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 33 – نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن سىنگاپورغا بارغان پېنس يىغىندا سۆز قىلىپ، رايوندا ھۆكۈمدارلىق ۋە ھۇجۇمچىلىققا ئورۇن يوقلۇقىنى تەكىتلىدى ۋە ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ۋە ئاسمانلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن مۈرىنى مۈرىگە تىرىگەن ھالدا خىزمەت قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى بىلدۈرۈپ، «سىلەرگە ئوخشاش ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى قوغداش، قىممەت – قاراشلىرىمىزغا ئىگە چىقىش ۋە بىرلىكتە كۈچىيىش ئارقىلىق ھىندى ئوكياندىكى چوڭ – كىچىك بارلىق دۆلەتلەرنىڭ باياشاتلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ كويىدىمىز.» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس يىغىن جەريانىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ 2019 – يىلى باشلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ يەنە، يىغىندا، كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشىنىڭ يېزىققا ئايلاندۇرۇلۇشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇ چاغقىچە ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەگە كۈچىدىن يېتىشىچە بېسىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن 12 – ئىيۇندا سىنگاپوردا كۆرۈشۈپ، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.

يېقىندىن بۇيان تەرەپلەر ئارىسىدىكى يادرو قورالسىزلىنىش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىشلار توختاپ قېلىش باسقۇچىغا كېلىپ قالغان، يېقىندا پىيوڭياڭ دائىرىلىرى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن شىمالىي كورېيەلىك يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ ئالدىن پىلانلانغان ئۇچرىشىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى.

شىمالىي كورېيە ئۆتكەن ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىيوڭياڭغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرىنى توختاتمىسا، يادرو زاپىسىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلغان دۆلەت سىياسىتىنى قايتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر