كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ھالاكەتلىك ئوت ئاپىتى 7 كۈندىن بۇيان داۋاملاشماقتا

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا داۋاملىشىۋاتقان ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 56 گە چىقتى.

1088285
كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ھالاكەتلىك ئوت ئاپىتى 7 كۈندىن بۇيان داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار مەسئۇللار كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ شىمالىدا 8 - نويابىر كۈنىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئوت ئاپىتىنىڭ مۇشۇ ئەسىر بويىچە كالىفورنىيەدە يۈز بەرگەن ئەڭ ھالاكەتلىك ئاپەت بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاز دېگەندىمۇ 56 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئوت ئاپىتىدە، 9000 دىن ئارتۇق بىنا ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى ۋە 1300 دىن ئارتۇق كىشى پاناھجايلارغا ئورۇنلاشتى.

ئالاقىدار مەسئۇللار يوقۇلۇپ كەتكەن 130 كىشىدىن تېخىچە خەۋەر ئالالمىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ئۆتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن 5000 دىن كۆپرەك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.

كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ شىمالدا ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان بىنالار ئارىسىدا، ئاتاقلىق سەنئەتچىلەردىن شوتلاندىيەلىك ئارتسىت گېرارد بۇتلېر، ناخشىچى مىلېي سىيرۇس، كېنو ئارتىسى شىكوت بايو، رىژېسسور گوللېرمو دېل تورو، ناخشىچى كىم كارداشان، كېنو ئارتىسى ئالىيسا مىلانو ۋە رېن ۋىلسون قاتارلىق مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭمۇ بارلىقى قەيت قىلىندى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر