ئىتالىيە تۈركىيەنىڭ لىۋىيە يىغىنىدىن چېكىنگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئۇسېپپې كونتې، تۈركىيەنىڭ دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن لىۋىيە يىغىنىدىن چېكىنگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

1087406
ئىتالىيە تۈركىيەنىڭ لىۋىيە يىغىنىدىن چېكىنگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئۇسېپپې كونتې، يىغىندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ يىغىندىن چېكىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى (فۇئات ئوقتاي) يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن كۆڭلۈم يېرىم بولدى. ئۇنىڭ باياناتىدا ئىتالىيەگە قارشى سۆز ئۇچراتمىدىم» دەپ جاۋاب بەردى.

گىئۇسېپپې كونتې، «قوبۇل قىلىشىمىز كېرەككى، بۇ خىل قارارلار بىلەن خۇلاسىلىنىدىغان ئالاھىدە سەزگۈرلۈكلەرمۇ بولىدۇ» دېدى.

يىغىنغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن ئىشتىراك قىلغان جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، تۈركىيەنىڭ «چوڭقۇر ئۈمىدسزلىك بىلەن» لىۋىيە يىغىنىدىن چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بەزى تەرەپلەر ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن غەيرىي رەسمىي يىغىن ۋە بۇلارنىڭ ئاقدېڭىز رايونىدىكى ئالاھىدە ئاكتىيورلار سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، بىز قەتئىي قارشى تۇرىدىغان ئېغىر قايمۇقتۇرغۇچى ۋە زىيان يەتكۈزگۈچى بىر پوزىتسىيەدۇر» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر