ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تېررورچىلار بىلەن بىرلىكتە تاماق يېدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەسكەرلىرى، سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلار بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ تاماق يېدى.
1086950
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى ي پ گ نى پۇرسەت تاپسىلا قوللاپ، قورال ياردىمى قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، يەنە بىر قېتىم يېڭى بىر سەتچىلىككە تەرەپ بولدى.
ئامېرىكا غازىلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى مۇنبىچ شەھىرىدە ئامېرىكىلىق قوماندان ۋە ئەسكەرلەرگە زىياپەت بېرىلدى. ي پ گ / پ ك ك تېررورچىلىرى زىياپەتتە تارتىلغان فوتو – سۈرەتلەرنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورىدا ئېلان قىلىپ، رەسىمنىڭ ئاستىغا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەسكەرلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ھالدا پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.