ترامپ ماكرونغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي ۋە رۇسىيەدىن قوغدىنىش ئۈچۈن ياۋروپا ئۆز قوشۇنىنى تەشكىللىشى كېرەك» دېگەن سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1085314
ترامپ ماكرونغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى» نى ئاخىرلاشتۇرغان «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» تۈزۈلگەنلىكىنىڭ 100 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن فىرانسىيەگە كەتكەن ترامپ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون <ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي ۋە رۇسىيەدىن قوغدىنىش ئۈچۈن ياۋروپانىڭ ئۆز قوشۇنىنى تەشكىللىشى> توغرۇلۇق تەكلىپ سۇندى، بۇ تولىمۇ  پەسكەشلەرچە بىر تەكلىكتۇر. ياۋروپا ئالدى بىلەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىۋاتقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا بولغان قەرزىنى تۆلىشى كېرەك.»

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە پارىژدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە خەۋپى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بېقىندى بولمىغان، مۇستەقىل بىر ياۋروپا ئىتتىپاقى قوشۇنى تەشكىللىمىگۈچە، ياۋروپالىقلارنىڭ خاتىرجەم ياشىيالىشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر