ئامېرىكا: سۇدان قارا تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلىشى مۇمكىن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۇداننىڭ « تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

1084171
ئامېرىكا: سۇدان قارا تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېسېر ناۋېرت، بۇ ھەقتە ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون سۇللىۋان  بىلەن سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىردېرى مۇھەممەد ئەھمەدنىڭ ۋاشىنگتوندا سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر باسقۇچنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش،  تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، دىن ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئىچكى ئۇرۇشلارغا خاتىمە بېرىش، تىنچلىق مۇساپىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك شارائىت ۋە قولاي ئىمكانىيەت يارىتىش، شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا رىئايە قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرۇلۇق   مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن، سۇدان بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۇداننى (<تېررورىزمنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەر> تىزىملىكى) دىن چىقىرىۋېتشقا تەييار.»

ئۇ يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۇدان بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە سۇدا خەلقى ھەم رايونغا پايدىلىق مەنىلىك ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر