ئىران ئۆزى ياساپ چىققان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سىناق قىلدى

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىگە قاراشلىق ھاۋا ئارمىيەسى، «ۋەلايەت 97» ناملىق مانېۋىر ئەسناسىدا خورداد-3 ۋە تالاش ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق سىناق قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1083117
ئىران ئۆزى ياساپ چىققان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مانېۋىر ئەسناسىدا خورداد-3 سىستېمىسىدىن بىر دانە ساياد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان قويۇپ بېرىلگەن.

سىناقنىڭ غەلىبىلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن تاراتقۇلار، تالاش سىستېمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن 3 دانە ساياد باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭمۇ نىشانغا يېتىپ بارغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرا مۇساپىلىك تاباس بومبىسى بىلەن سەلەمچە ناملىق قۇرۇقلۇقتىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان بىر بومبىنىڭمۇ غەلىبىلىك سىناق قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلىشتى.

ئىران دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى مايور گېنېرال ھەبىبۇللاھ سەييارىنىڭ رەھبەرلىكىدە دۈشەنبە كۈنى باشلانغان ۋەلايەت-97 ناملىق مانېۋىرغا ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىدىن باشقا دۆلەتنىڭ ھاۋا ئارمىيەسى ۋە باشقا قىسىملارنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر