تېررورچىلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ياۋروپا كېڭىشى بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى

فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزگەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قوللىغۇچىلىرى ياۋروپا كېڭىشى ۋە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى بىنالىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

1083198
تېررورچىلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ياۋروپا كېڭىشى بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەزكۇر بىنالارغا بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇنغان تېررورچىلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا ساقچىلار ساقچى كالتەكلىرى ۋە ياش ئاقۇزۇش  بومبىسى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلدى، ھەمدە قوراللىق ساقچىلار قىسىملارنىڭ 7 خادىمىنى يارىلانغاندۇرغان 14 كىشىنى قولغا ئالدى.

تېررورچىلارنىڭ كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئۆجەلاننىڭ تۇتقۇنلۇق شەرت – شارائىتى مەقسىتىدە نامايىش ئۆتكۈزگەن تېررورچىلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ھەددىدىن ئېشىپ، ئەتراپقا ھۇجۇم قىلدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ياۋروپا كېڭىشى ۋە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى بىنالىرى جايلاشقان كوچىنى تاقىغان نامايىشتا بىر گۇرۇپپا كىشىياۋروپا كېڭىشى ۋە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى بىنالىرىغا قاراپ مېڭىپ، بۇ يەردە كۈتۈۋاتقان ساقچىلارغا تاش بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

فىرانسىيەدىن باشقا يەنە، گېرمانىيە، شىۋېيتسارىيە ۋە باشقا قوشنا دۆلەتلەردىن ستراسبۇرگقا بارغان تېررورچىلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇدا ئىككى قېتىم  ساقچىلارنىڭ توسۇقلىرىدىن ئۆتۈپ،  ياۋروپا كېڭىشى ۋە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى بىنالىرىغا ھۇجۇم قىلدى، ھەمدە بۇ بىنالار بىلەن ئەتراپقا ماددىي زىيان يەتكۈزدى.

ستراسبۇرگ ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشچىلارنىڭ ئوق چىقىرىشى ۋە خەتەرلىك نەرسىلەرنى ئېتىشى سەۋەبىدىن 7 نەپەر قوراللىق ساقچى قىسىم خادىمى يارىلانغان.

شەھەر كوچىلىرىنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن تېررورچىلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى سەۋەبىدىن، ياۋروپا يولى تەخمىنەن بىر سائەت تاقىلىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن، ترامپۋاي ۋە ئاپتوبۇس سەپەرلىرى بىكار قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر