فىلىپپىن خىتايغا قارشى كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

فىلىپپىن خىتاينىڭ تالاش – تارتىشلىق جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى رايونىدا مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قۇرغانلىقى ئىسپانلانغان تەقدىردە، كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1083525
فىلىپپىن خىتايغا قارشى كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:فىلىپپىن باش مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سالۋادور پانېلو بۇ مەسىلە ھەققىدە خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 

سالۋادور پانېلو جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا قۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن دېڭىز كۆزۈتىش مەركىزى، مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ۋە ھاۋا سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئىستانسىسى قاتارلىق مۇئەسسەسىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھۆكۈمىتىمىز خىتاينىڭ قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مۇئەسسەسىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىغان تەقدىردە، تېگىشلىك قەدەملەر تاشلىنىدۇ» دېدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ 1نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش - تارتىشلىق رايون ناشا ئاراللىرىدا، رايون دۆلەتلىرىگە ھەر خىل مۇلازىمەتلەرنى قىلىش مەقسىتىدە مۇئەسسىسەلەرنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

لۇ كاڭ بۇ لايىھەنىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ نانشا رايونىدىكى تىنچ ئوكيان ھىدرولوگىيەسى، مېتېئورلوگىيەسى ۋە ھاۋا سۇپىتىنى كۆزىتىش، دېڭىز تاشقىنىغا قارىتا بالدۇر سېگنال بىرىش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش، ھاۋا كېلىماتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاي 1947 يىلىدا ئېلان قىلغان خەرىتىسىنى ئاساس قىلىپ، ئىگىلىك ھوقۇقىنى داۋا قىلىۋاتقان تالاش تارتىشلىق رايوننىڭ %80 نىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

رايوننىڭ يەر ئاستى بايلىقى مول بولۇپ، فىلىپپىن، ۋىيېتنام، بۇرۇناي پادىشاھلىقى ۋە مالايشىيانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشنا دۆلەتلەر خىتاي بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىپ كەلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر