ئافغانىستاندا تالىبان 30 نەپەر چېگرا مۇداپىئە ساقچىسىنى ئۆلتۈردى

ئافغانىستاننىڭ ئىران چېگراسىدىكى ساقچى پونكىتى تالىبان قوراللىقلىرىنىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتتى.

1082691
ئافغانىستاندا تالىبان 30 نەپەر چېگرا مۇداپىئە ساقچىسىنى ئۆلتۈردى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى فاراھ ۋىلايىتىگە قاراشلىق پۇش كوھ ناھىيەسى چېگرا ساقچى پونىتىغا تالىبان قورالىق كۈچلىرى تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇمدا، 30 نەپەر چېگرا مۇداپىئە ساقچىسى ئۆلتۈرۈلدى.

پۇش كوھ ناھىيەسى ھاكىمى ئابدۇل ھەكىم نۇرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تالىبان قوراللىقىللىرىنىڭ ناھىيەنىڭ ئىران چېگراسىدىكى ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇل ھەكىم نۇرى ھۇجۇمدا يەنە، 20 نەپەر چېگرا مۇداپىئە ساقچىسىنىڭمۇ تالىبان تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ساقچى پونكىتىنىڭ تالىبان قوراللىقلىرىنىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تالىبان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ساقچى پونكىتىدىكى نۇرغۇنلىغان قورال ۋە ئوق دورىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر