پومپېيو نيۇيوركتا شىمالىي كورېيە مەركىزىي كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى بىلەن كۆرۈشىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، 8 – نويابىردا نيۇ يوركتا شىمالىي كورېيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كىم يوڭ چول بىلەن كۆرۈشىدۇ.

1082656
پومپېيو نيۇيوركتا شىمالىي كورېيە مەركىزىي كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پومپېيوغا ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفان بىئېگۇننىڭمۇ ھەمراھ بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى ۋە «مىنىستىر پومپېيو ۋە شىمالىي كورېيە مەركىزىي كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى كىم، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى، سىنگاپور باشلىقلار يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ تۆت ماددىسىنىڭ ئىلگىرىلەش قەدەملىرى توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن ئىيۇن ئېيىدا سىنگاپوردا ئۇچرىشىپ، كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى، ئامېرىكا – شىمالىي كورېيە ئارىسىدا يېڭى مۇناسىۋەتلەر تورىنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشى، كورېيە يېرىم ئارىلىدا تىنچلىق ئورنىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كېلىشىمگە ئىمزا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر