ئافغانىستاندا ئامېرىكا شەھەر باشلىقى ئۆلتۈرۈلدى

ئامېرىكىنىڭ ئۇتاھ ئىشتاتىغا قاراشلىق شىمالى ئوگدەن شەھەر باشلىقى بېنت تايلور ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدىكى ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلدى.

1081493
ئافغانىستاندا ئامېرىكا شەھەر باشلىقى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: برېنت تايلور شەھەر باشلىقلىقى ۋەزىپسىنى ۋاقىتلىق توڭلىتىپ قويۇپ، دۆلەت مۇداپىئە ئەترىتى بىلەن ئافغانىسانغا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن بارغان ئىدى.

پايتەخت كابۇلدا ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا 39 ياشلىق ھەربىي ئوفېتسىر برېنت تايلورنىڭ مەلۇم بىر ھۆجۈمدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ھەربىي مەسئۇللارنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئۇتاھ ئىشتاتىغا قاراشلىق 17 مىڭ كىشىلىك نوپۇسقا ئىگە شىمالىي ئوگدەر شەھەر باشلىقى شۇنداقلا دۆلەت مۇداپىئە قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 39 ياشلىق ھەربىي ئوفېتسىر برېنت تايلورنىڭ 7 پەرزەنتى بار ئىدى. ئۇ بىر يىللىق ۋاقىتلىق ھەربىي ۋەزىپە ئۈچۈن ئافغانىستانغا بارغان بولۇپ، پايتەخت كابۇلدا ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېيىلدى.

ھەربىي ئوفېتسىر برېنت تايلورنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئىككى قېتىم ئىراقتا ۋە بىر قېتىم ئافغانىستاندا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا ۋە تالىبان ئوتتۇرىسىدا 17 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا، 2400 دىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر