سەئۇدى ئەرەبىستاندا كەلكۈن ئاپىتى جان ئالدى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە ۋە مەدىنە قاتارلىق شەھەرلىرىدە مەيدانغا كەلگەن كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبلىك 5 ئادەم قازا قىلدى.

1081851
سەئۇدى ئەرەبىستاندا كەلكۈن ئاپىتى جان ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك ھۆل-يېغىن نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن كەلكۈندە 5 ئادەم قازا قىلدى.

دۆلەت ئاممىۋى مۇداپىئە ئەترىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستاندا مەيدانغا كەلگەن شىددەتلىك ھۆل-يېغىن نەتىجىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى، لېكىن دەرەخلەرنىڭ قومۇرلۇپ قاتناش چىراقلىرىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى سەۋەبلىك بەزى يوللارنىڭ قاتناشقا توسۇلۇپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى يەرلىك تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنىشىچە مەككە، مەدىنە، رىياد، ئەش-شەرقىىيە، جازان، ئەل-باھا ۋە ئەل جەۋف قاتارلىق شەھەرلەردە 28-ئۆكتەبىردىن بۇيان ھۆل-يېغىن داۋاملاشماقتا ئىكەن.

مېتېئورولوگىيەۋە مۇھىتنى قوغداش ئىدارىسىمۇ پۇقرالارنى ناچار ھاۋا رايىغا دىققەت قىلىشقا ۋە زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا سىرتقا چىقماسلىققا چاقىردى.

شىددەتلىك ھۆل-يېغىن مەيدانغا كەلگەن شەھەرلەردىمۇ كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر