گوللاندىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

گوللاندىيەنىڭ لاھەي شەھىرىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1081043
گوللاندىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەنىڭ لاھەي شەھىرىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

لاھەي شەھىرىدىكى خەلقئارا ئادالەت ئورگىنى بىناسى ئالدىغا يىغىلغان نۇرغۇن كىشى، ياروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشقا لاھەي شەھىرىدىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا ياشاۋاتقان كۆچمەنلەرمۇ قاتناشتى، نامايىشچىلار ئىچىدە يەنە نۇرغۇن ئايال ۋە بالىلارمۇ بار ئىدى.  

نامايىشچىلار «دۇنيا ھەممە ئادەمنىڭ، چېگرالارنى ئېچىڭلار، مۇساپىرلارغا ئىشىكىمىز ئوچۇق»دېگەن مەزمۇندا خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋېلىشتى.

«چېگرالار بولمىسۇن، مىللەتچىلىككە قارشىمىز، سۈرگۈننى توختىتىڭلار»دېگەن مەزمۇندا شوئارلار توۋلاشقان نامايىشچىلار، يېقىن ئەتراپتىكى بالىلارغا باغچىسىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى.

نامايىشچىلار يۇرت-ماكانلىرىدىن ئۇرۇش سەۋەبىدىن قاچقان مۇساپىرلار ۋە بالىلارنىڭ، بىخەتەرلىكى ناچار بولغان دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلىشىنىڭ ئىنسانىيلىققا زىت ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

نامايىشچىلار ئالاقىدار ئورگانلارنى مۇساپىر بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس قانۇن چىقىرىشقا چاقىردى.  

نامايىشتا ياۋروپادا مۇساپىرلارنىڭ كىرمەسلىكى ئۈچۈن تاقىۋېتىلگەن چېگرالارنىڭ ئېچىلىشى لازىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەندىن سىرت، مۇساپىرلارنىڭ  ئۆتۈش يولى بولغان ئاقدېڭىزنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىدىن ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

نۇرغۇن ساقچى ۋەزىپە ئۆتىگەن نامايىشتا، بىر تۈركۈم ئاشقۇن گۇرۇھ جېدەل چىقارماقچى بولغاندا ساقچىلار ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئۇلارنى بېسىقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر