ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قايتىدىن  ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا تەكرار ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1080761
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قايتىدىن  ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى  فېدېرىكا موغېرىنى،  فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېن يۋېس لې درىئان، ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى جېرېمي ھانت، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس ۋە مەزكۇر ئۈچ دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى،  ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2015 – يىلى ھاسىل قىلىنغان «يادرو كېلىشىمى» دائىرىسىدە بىكار قىلىنغان ئىرانغا قارىتا ئېمبارگولارنى قايتىدىن يۈرگۈزۈش قارارىنىڭ تولىمۇ ئەپسۇسلنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان «يادرو كېلىشىمى» نىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك يادرو قوراللىرىنى يوقىتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بۇ كېلىشىمنىڭ پىلان بويىچە ئىجرا قىلىنغانلىقى، نىشانىغا يەتكەنلىكى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ 12 تۈرلۈك دوكلاتىدا، ئىراننىڭ كېلىشىمگە تولۇق رىئايە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «يادرو كېلىشىمى» نىڭ نىشانىنىڭ، ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «تەرەپلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئىران بىلەن قانۇنىي يوللار ئارقىلىق سودا قىلىۋاتقان ياۋروپالىق ئىقتىسادىي ئاكتىيورلارنى قوغدايدۇ. بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىران بىلەن بولغان پۇل – مۇئامىلە مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي بولۇپ، ئىران بىلەن تەبىئىي گاز ۋە نېفىت ئېكسپورتىنىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ دائىرىدە، رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق بۇ كېلىشىمنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق ئورتاق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگولىرىغا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە يېڭى بىر سودا مىخانىزمى ئورنىتىش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ، بۇ مىخانىزم سايىسىدا ئىران بىلەن سودا قىلىشنى خالايدىغان ياۋروپا شىركەتلىرىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلىدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى 2015 – يىلى ھاسىل قىلىنغان «يادرو كېلىشىمى» دائىرىسىدە بىكار قىلىنغان ئىرانغا قارىتىلغان بارلىق ئېمبارگولارنىڭ قايتىدىن يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋېن منۇچىن، ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ، 5 – نويابىردىن ئېتىبارەن قايتىدىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ ھەقتە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىگە كەڭچىلىك قىلىنمايدىغانلىقىنى ئەسكەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر